دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى قۇللۇق ئەمگىكى مەۋجۇت

ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي دېھقانچىلىق ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىش قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش جىنايىتى بىلەن باراۋەر» دەپ يەكۈن چىقاردى.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز قولغا ئېلىش، خورلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئەيىبلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ب د ت نىڭ زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى تومۇيا ئوبوكاتا 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى خىل ئوخشىمىغان كونترول قىلىش تۈزۈمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى»، يەنى جازا لاگېرلىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. يەنە بىرى ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىدىكەن.

ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى دوكلاتتا: «خىتاينىڭ زورلاش، باستۇرۇشتىن ئىبارەت زوراۋان سىياسىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان مەھەللىلەردە كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە، قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار» دېگەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئەمگەكچىلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق نازارەت قىلىش، خورلاش، ھاقارەتلەنگەن تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىغا مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ زوراۋان سىياسىتى قۇللۇق تۇزۇم خاراكتېرىنى ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن باراۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل مەسىلىلەر تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 836 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2022 11:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق