ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرىلدى

خىتاي ۋاسىتە تاللىماي خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە دەۋەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىدىغان ئورۇننىڭ ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشى تۇر دۇنياسىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتايلار ئىچىدىكى ۋىرۇس گۇماندارلىرىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىدىغان ئورۇننى ئالاھىدە پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە چاقىرغان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق قامال قىلغان. خىتاي ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قاماپ ئاچلىقتىن قىيناش ئەھۋالى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىنلار ئوتتۇرىغا چىققان.

15-ئاۋغۇست كۈنى فېيسبۇكتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدا تەسىس قىلغان ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئورنى سىنغا ئېلىنغان 15 دىسكونتلۇق سىن تارقالغان. مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلگەن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئورنىدا تىزىلغان كارىۋاتلار ھەمدە كارىۋات ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىقى كىشىلەرگە ئالىي قىلىپ سېلىنغان باقمىچىلىق قوتىنى ئەسلەتكەن. ئەمما 17-ئاۋغۇست فېيسبۇك تارقىتىلغان ئۈچ مىنۇتلۇق سىندا بولسا خىتايلار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىدىغان ئورۇن كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىندا، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىش ئورۇنغا ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي كۆزىتىش ئورنىنىڭ ئالىي، تامىقىنىڭ ياخشى  ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالغان. داچا شەكىلدىكى ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىنى كۆرگەن خىتاي خۇشاللىقىدىن: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)غا كېلىپ ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىغا كېلىڭلار» دەپ باشقا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشكە دەۋەت قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1125 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2022 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق