خىتاي ئۈرۈمچىدىن چىقىش ۋە كىرىش ھەققىدە چەكلىمە سىياسىتى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بىرى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە «ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» تارقاتقان بولۇپ، 16-ئاۋغۇست كۈنى يەنە «ئۈرۈمچىدىن چىقىش ۋە كىرىش ھەققىدە ئىزاھات» ئېلان قىلىپ ئۈرۈمچى خەلقىگە قارىتىلغان قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-ئاۋغۇست كۈنى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇيجۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ۋە ئۈرۈمچىدىن قايتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار سىياسەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ئىزاھاتتا: «نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنىلا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. زۆرۈر بولمىسا ئۈرۈمچىگە كەلمەسلىك ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشى ۋە ئۈرۈمچىگە كېلىش زۆرۈر بولغان ساياھەتچىلەر، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملار (ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە كەنتكە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.» دېيىلگەن.

ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت ئىزاھاتىدا، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونىدىن ئايرىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى قاراشلىق رايون (ناھىيە)لار ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ باھالاپ، خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى، خەتىرى تۆۋەن رايوندىن ئايرىلماقچى بولغانلار 72 سائەتتىكى 3 قېتىملىق ئۈنۈملۈك تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈشنىڭ مەنپىي ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكى، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن رايوندا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماقچى بولغانلار 48 سائەت ئىچىدىكى 2 قېتىملىق ئۈنۈملۈك تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈشنىڭ مەنپىي ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شۇ جايدىكى مەھەللە (كەنت) مەسئۇل بولۇپ خادىملارنىڭ ئۇچۇرى، ئۈنۈملۈك تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىش، يېپىق ھالەتتە قاتناش مەيدانىغا ئاپىرىپ قويۇشى كېرەكلىكى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان خادىملار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال شۇ جايغا دوكلات قىلىپ، تەۋەلىكتىكى مۇداپىئە-تىزگىن خىزمەت تەلىپىگە قاتتىق بويسۇنۇشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ئوبلاست دائىرىلىرى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامى بىلەن مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىدا يەتتە كۈن كۆزىتىلگەن ھەم ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش داۋامىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىپ، ئائىلىدە ئايرىپ كۆزىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تېز قايتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىدە كۆزىتىش قاتارلىق قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىلى خەلقىگە قارىتىلغان قامالنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1026 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2022 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق