خىتايدىكى سەل ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى داتۇڭ ناھىيەسىدە سەل ئاپىتىدە 16 ئادەم ئۆلۈپ، 36 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى داتۇڭ ناھىيەسىدە قاتتىق ياغقان يامغۇر سەلگە ئايلانغان. سەل لاتقا-شېغىللىق ئېقىنغا ئۆزگىرىپ دەريا توسمىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى يېزا-بازار ئالتە كەنتتىكى 1517 ئائىلە، 6248 ئادەم  سەلنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدەش، تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، 18-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:00 گىچە، 16 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 36 ئادەم بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

نۆۋەتتە ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، رايوندىكى بارلىق قوراللىق ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركەزلىرى، سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرى ۋە يېزا ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا خىتايدىكى قىسمەن دېھقانچىلىق مەيدانى كەلكۈن ئاپىتىدە دېڭىزغا ئايلانغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 756 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چىڭيۈەن قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا جەمئىي 480 مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇزۇلغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 27.13 گېكتارغا يەتكەن، 1729 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. چىڭيۈەن شەھىرىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ ئاپەتنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەيران بولغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 3526 گېكتارغا يەتكەن. چارۋا ماللاردا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون يۈەن، ئۆي قۇشلىرىدا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا بېلىق كۆلچەكلىرىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليون 990 مىڭ يۈەنگە يەتكەن ئىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2022 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق