ئەزاننى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان ئەرز رەت قىلىندى

ھىندىلارنىڭ ھىندىستان ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسىگە ئەزاننى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان ئەرزى «ئەزان ئوقۇش دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ» دېگەن دەلىل بىلەن رەت قىلىنغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارناتاكا ئىشتاتى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھىندىلارنىڭ مەسچىتلەردە ياڭراتقۇ بىلەن ئەزان ئوقۇشنى چەكلەش توغرىسىدا سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئەرز قىلغۇچى دەۋاسىنىڭ ئەكسىچە «نامازغا چاقىرىش باشقا دىنلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ» دېگەن دەلىلگە ئاساسەن ئەرزنى رەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ دېلودىكى ئەرز قىلغۇچى «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ) كەلىمىسىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىغا ئوخشىمايدىغان ئېتىقادى بار باشقا ھىندى دىنىي ئېتىقادچىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلغان. سوت مەھكىمىسى مەزكۇر رەت قارارىنى ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 25-ۋە 26-ماددىلىرىدىكى: «پۇقرالارغا دىنىي مۇراسىملىرىنى ئەركىن ئۆتكۈزۈش ۋە بايان قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ» دېگەن مەزمۇنغا ئاساسەن چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا سوتنىڭ قارارىنى قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا پىكىرلەر ۋە تالاش-تارتىشلار كۆپەيگەن. قىسمەن كىشىلەر تىۋىتتېر سەھىپىسىدە: «سوتنىڭ قارارى پۈتۈنلەي توغرا، مەن ئەزەلدىن ئۆي ئەتراپىدىكى بۇتخانا راھىبىنىڭ نوم ئوقۇشىدىن شىكايەت قىلمىدىم» دەپ يازغان.

يەنە بىر كىشى سەھىپىسىدە: «ئەگەر مەسچىتلەردە ياڭراتقۇدا ئەزان ئوقۇش ھېچقانداق مەسىلە بولمىسا، مەسچىتتىكى ياڭراتقۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، بىزمۇ بۇتخانىلاردا ياڭراتقۇ ئىشلىتىشىمىز كېرەك» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارناتاكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا رومال ئارتىشىنى چەكلەش قارارىنى قوللاپ قارار چىقارغان. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھىندىستاندىكى ئاشقۇن ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زوراۋانلىق، زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3695 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق