مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن پارلامېنت ئەزاسى قايتا قولغا ئېلىندى

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھىندىستان دائىرىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن پارلامېنت ئەزاسىنى قايتا قولغا ئالدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى تۈرتكىسىدە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تېلگانا ئۆلكە دائىرىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەش قىلمىشى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ يەرلىك پارلامېنت ئەزاسىنى پەيشەنبە قايتا قولغا ئالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىشتات مەركىزى ھەيدەرئابادنىڭ ساقچى دائىرىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى سىن تارقاتقان پارلامېنت ئەزاسى راجا سىنگىنى جەمئىيەتتە ئاۋارىچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك قايتا قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چارشەنبە ھەيدەرئاباد ئىشتاتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغان سۆزلەر يېزىلغان سىن يوللىغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان سىنگىنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى پارتلىغان. نامايىشچىلار دۈشەنبە كەچتىن باشلاپ سىنگىنىڭ قولغا ئېلىنىشنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. ئەھۋالنىڭ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يەرلىك سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كەچتە سىنگىنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنى قويۇۋەتكەن.

سىنگىنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسى ھىندىستان ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلىك سۆزلەرگە قارشى نارازىلىق پارتلىغان نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن سۆز ۋە سىنلارنى تارقىتىش قىلمىشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان.

ئالدىنقى مەزگىلدە مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ئادەم قازا قىلغان. ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلىك سۆزلەر يېزىلغان سىن سەۋەبلىك تەخمىنەن 20 نەچچە دۆلەت ھىندىستاندىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3701 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2022 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق