ھىندىستاننىڭ ئاسسام ۋىلايىتىدە ئىسلامىي مەكتەپ چېقىۋېتىلدى

ھىندىستان دائىرىلىرى ئاسسام ئۆلكىسىدە ئىسلام مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا ئېلىپ مەكتەپنى چېقىۋەتكەن.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكە دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى قۇرئان بىلىملىرى مەركىزى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 كىشىنى ئاتالمىش «ئاشقۇن تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغان. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاسسام ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەكتەپنى چېقىۋەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رايون مەسئۇللىرى تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، مەكتەپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ بىنالىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇرئان بىلىملىرى مەركىزى مەكتىپى ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاسسام ۋىلايىتىدە چېقىۋېتىلگەن ئۈچىنچى ئىسلامىي مەكتەپ ئىكەن.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا مىرابارى رايونىدىكى «جامائەت» ناملىق مەكتەپمۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن چېقىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدە مۇسۇلمانلارغا تۇتقان يولسىز مۇئامىلىلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە چىققان توقۇنۇشلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا پات-پات تارقىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەردە، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقارغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە ئۆي سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆيلىرىنى كۆچۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا ھىندىستان ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3676 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق