ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات ئىسلام دۇنياسىدىكى مېدىيالاردا كۈنتەرتىپكە كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كەچتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى ئىسلام دۇنياسىدىكى مېدىيالاردا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى دوكلات ھەققىدە زىيارەت پىروگراممىسى ئىشلىگەن بولۇپ، پىروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) رەئىسى دوكتور ئابدۇلۋارىس ئابدۇخالىقنى زىيارەت قىلدى. ئابدۇلۋارىس ئەپەندى دوكلات ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ب د ت دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان «خىتاي ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ناچار مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن نامەلۇم دورىنى مەجبۇرىي يېگۈزۈش، ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇش، ئاياغ ئاستى قىلىش، ۋەھشىيلەرچە زوراۋانلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما دوكلاتتا يەنە «ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، بالىلار لاگېرى، شارائىتى ناچار ئورۇندا قاماش، سوت قىلىنماي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرەب توققۇزىنچى قانىلىمۇ شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكاننى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

ئۇندىن باشقا ئەرەبچە ئەخبار قانىلى، قانۇتۇلغاد، ئەرەبچە سىكاي نيوز قانىلى، فىرانسىيە 24-قانىلى، قاناتۇلئان قاتارلىق قاناللار دوكلات ھەققىدە خەۋەر بەردى ھەمدە مەخسۇس زىيارەت پىروگراممىسى ئىشلىدى. بۇلار ئىچىدىكى بىر قىسىم قاناللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق دوكلاتنى تونۇشتۇردى. بەزى قاناللار دوكلات ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دوكلاتتا تىلغان ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پولاتتەك پاكىتلارنى ئىنكار قىلىپ، قالايمىقان بىلجىرلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4083 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2022 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق