دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: كەلگۈسىدە يەنە يۇقۇم دولقۇنى پەيدا بولۇشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 14 ـ سېنتەبىر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «گەرچە پۈتۈن دۇنيادا ھەر ھەپتىدە ۋىرۇس تۈپەيلى يېڭىدىن ئۆلگەنلەر سانى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە يەنىلا يېڭى يۇقۇم دولقۇنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق يۇقۇم ئەھۋالى خەۋپ ـ خەتىرى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 3 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %28 تۆۋەنلىگەن، يېڭىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىمار تەخمىنەن 11 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %22 تۆۋەنلىگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى رەئىسى تېدروس ئاداھانوم گېبرېيېسۇس شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئالدىنقى ھەپتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر دوكلات قىلغان ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۆلگەن بىمار سانى 2020-يىل 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىز مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، كەلگۈسىدە يەنە يېڭى يۇقۇملىنىش دولقۇنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دەپ قارىغان ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاشقا دەۋەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 664 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق