ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان نەزەربەند قىلىش، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدىكى سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامايىش ۋە ھەرخىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە.

شۇنىڭ جۈملىسىدىن 16-سېنتەبىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر نامايىشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار يېقىندا خىتاي ئاچ قويۇپ زىيانكەشلىك قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى شوئار توۋلىدى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەدجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن كېيىن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەنە ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن تېزراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىلىشنى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، 17-سېنتەبىر سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 10-سېنتەبىر ئاقساراي ئالدىدا، 15-سېنتەبىر  ۋاشنگىتوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ھەر ئىككى يەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەھىشى جىنايەتلىرى ئەيىبلەندى. خىتاي كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە پائالىيەتچى تۇمارىس ئالماس خانىملار ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 14-سېنتەبىر پارىژدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى. نامايىشتا يەنە فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىم مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 736 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2022 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق