قازاقىستاندا خىتايغا قارشى پارتىيە قۇرۇش پىلانلاندى

شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان 46 ياشلىق قازاق قازاقىستاندا خىتايغا قارشى پارتىيە قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاندا خىتايغا قارشى پارتىيە قۇرۇشنى پىلانلىغان بېكزات ماقسۇتقانۇلى ئەسلىدە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان كىچىك كىيىم-كېچەك سودىگىرى بولۇپ، ئىلگىرى سىياسەتكە قىزىقمايدىكەن. بىراق ئۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستان ئەسكەرلىرى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بېكزات ماقسۇتقانۇلى خىتاينى قارشى ئېلىشنىڭ ئورنىغا، قازاقىستاننىڭ كەڭ يېزا قىشلاق، ھەر قايسى كەنتلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەلقنى قازاقىستاندا خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پارتىيەگە كىرىشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن بېكزات ماقسۇتقانۇلى ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا: «مەن ئەزەلدىن سىياسەتكە كىرىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەمما كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ بىر-ئىككى يىلدا ئۆتۈپ كېتىدىغان كىچىك مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ بىر چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم» دېگەن.

ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئويغىنىشىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قىلمىشى سەۋەب بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنى قويۇپ بېرىشنى خۇسۇسىي ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا سەھنىلەردە خىتايغا ھېچنېمە دېيەلمىگەن. ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭەش يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئەيىبلەش ياكى قوللاش توغرىسىدا بېلەت تاشلىغاندا قازاقىستان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

بېكزات ماقسۇتقانۇلى خىتاينىڭ قازاق خەلقىگە قىلغان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينىڭ قازاقلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى قازاقلارغا قىلىنغان «ھاقارەت» دەپ ئاتىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېكزات ماقسۇتقانۇلى شەرقىي تۈركىستاندا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى، پىروفېسسورلار، ئەمەلدارلار،  ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى كەمسىتكەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇ 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ قازاقىستاندا ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان ۋە سودىگەر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ سىياسىي ئويغىنىشى بەش يىل ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، چەتئەلدە قالغان تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چەكلىگەندىن باشلاپ خىتايغا قارشى تۇرۇشقا باشلىغان. كېيىن سېىرىكجان بىلاشئوغلۇ قۇرغان «ئاتايۇرت جەمئىيىتى» گە قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1079 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2022 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق