بايدېن: خىتاي ئارمىيەسى ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى تەيۋەننى قوغدايدۇ

ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن: «خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇخبىر ئۇنىڭدىن: يەنى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەيۋەننى قوغدامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان زىيارەتتە ئاقساراينىڭ تەيۋەن سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

نۆۋەتتە ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى زىددىيىتى كۈنسىرى كەسكىنلەشمەكتە. 

ئامېرىكا داۋاملىق رەسمىي باياناتلىرىدا بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، تەيۋەن مەسىلىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى خىتاينى جىددىي بىئارام قىلىپ كەلمەكتە. 

بايدېن بۇ قېتىملىق زىيارەتتىمۇ بۇنى قايتا تەكىتلەپ: «بىزنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىمىز داۋاملاشماقتا. تەيۋەن مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇ مەسىلىدە باشقىچە يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەيمىز، تەيۋەننى مۇستەقىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇرمايمىز. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى» دېيىش ئارقىلىق ئۈستى يېپىق شەكىلدە مەسىلىنىڭ قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

بايدېن بۇ يىل ماي ئېيىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئەگەر خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان تەقدىردە، تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئارقىندىنلا ئاقسارايدىن بايانات ئېلان قىلىنىپ: ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.

بۇ بايدېننىڭ بىر يىلدىن بۇيان تەيۋەنگە قارىتا رەسمىي سىياسىتىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلەتكەن ھالدا قىلغان ئۈچىنچى باياناتى بولۇپ، بايدېن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ۋە بۇ يىل مايدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى 8-ئايدا خىتاينىڭ پۈتۈن تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماستىن تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جىددىيلىك تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. 

تەييارلىغۇچى:ئى. ئۆتكۈر

 

بۇ خەۋەر 509 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق