ئىستانبۇلدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشچىلىقىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن 17-، 18-سېنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى park Green مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاكادېمىكلار، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ بولغان بولۇپ، ھەرقايسى سۆز قىلغۇچىلار بۇنىڭغا قارشى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ۋە بىرلىكنىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى ۋەكىلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىي قاتناشتى.

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىي يىغىندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە سۆز قىلدى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق