لاگېر شاھىتلىرى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىدى

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلاپ خىتاينى ئېغىر ساراسىمىگە سالغان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت ۋە گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىق خانىملار خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىدى. 

 

مەزكۇر ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى 19-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدا باشلانغان بولۇپ، نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن ۋە بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر خانىم ۋە دادىسى لاگېرغا سولانغان دىليار سەيفۇللا ئەپەندىمۇ لاگېر شاھىتلىرىغا ھەمراھ بولۇپ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان. 

ئىگەللىشىمىزچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا زەھەرلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا چېقىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھەسى سۇنۇشقا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى بەش كۈنگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت سۇ ئىچىپ، تاماق يېمەيدىكەن ۋە كېچە - كۈندۈز ئاق ساراي ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 502 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2022 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق