رۇسىيە بىخەتەرلىك خادىمى نىكولاي خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى يەكشەنبە كۈنى ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى نىكولاي پاتروشېف يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە كېڭەش قىلىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى نىكولاي پاتروشېف بىلەن 17-نۆۋەتلىك خىتاي-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە خىتاي-رۇسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاندا يۈز تۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى ئىكەن. موسكۋا نۆۋەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى غەرب بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ تىركىشىش ھالىتىگە كىرگەن. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنى چەكسىز كاساتچىلىققا يۈزلەندۈرگەن. ئاشلىق، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي - رۇسىيە نۆۋەتتە ھەر ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق تۈرتكىلىك ئامىلى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئىكەن. خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمىگەن، شۇنداقلا ئۇنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتىمىغان بولۇپ، بۇ رۇسىيەنىڭ كۈتكىنىدەك ئىش بولغان. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنى «پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھەرىكەت» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 527 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2022 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق