ب د ت خىتاينى جازالاش مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى جازالاش ھەققىدە بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا دىپلوماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى ب د ت نى ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تېزدىن خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فېرناند دې ۋارېنېس ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇنبەردە: «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نىيۇيوركقا يىغىلىپ ئېچىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرسا بولمايدۇ، چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جازاغا تارتىلماسلىقىغا يول قويىدىغان بولساق، ب د ت (دۇنياغا) قانداق بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈۋاتقان بولىدۇ؟» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جېفرېي پىرېسكوتمۇ: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەمىمىيلىكىگە بولغان بىر سىناق. بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرقى ھېسابتا ب د ت سىستېمىسىنىڭ ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە باغلىق» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 543 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2022 18:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق