ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 20-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ب د ت نىڭ 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، بىر خىتاي سىياسىتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قەتئىي زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا كۆڭۈل بۆلىمىز» دېگەن.

پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ب د ت نىڭ مۇھىم يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەرخىل باھا بەرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، دىپلوماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رولىنىڭ جارى بولۇش ياكى بولماسلىقى خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا باغلىق دەپ ئەيىبلىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 555 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2022 19:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق