شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دائىرىلىرى بىلەن ئاتالمىش«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش» دىۋىزىيەسى زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش» ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-سېنتەبىر كۈنى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دائىرىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

مۇراسىمغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، دىۋىزىيەنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى يىفېي، زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ماۋ چاۋفېڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلغان.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۇنلىن: «شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستاننى) مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستاننى) مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جەريانىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرى ئىجرا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەركەز كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىنو - تېلېۋىزىيە كەسپى، تاراتقۇ ئۇچۇرى، نەشر قىلىپ تارقىتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئويۇن قويۇش، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە مول ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، خىتايچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە ئاتالمىش «خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلارنى يەرلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا يۆتكەپ زىچ ئولتۇراقلاشقان خەلقىمىزنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەھەللە ۋە قوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئاساس مەزمۇن قىلىنغان كىنو - تېلېۋىزىيە ئىشلەپ تارقىتىش، بۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىپ تارقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1026 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2022 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق