لاگېر شاھىتلىرىنىڭ پىداكارلىقى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلاپ خىتاينى ئېغىر ساراسىمىگە سالغان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت ۋە گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىق خانىملار خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى 19-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىغانىدى.

قەھرىمان پىدائىيلار ئۈچ كۈندىن بۇيان نامايىشنى كېچە-كۈندۈز داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنى قىسمەن ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت قىلغان. نامايىش باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ھوشىدىن كېتىپ يىقىلغان. گەرچە تۇرسۇنئاي خانىم ماغدۇرسىزلىنىپ يېقىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رايون بىخەتەرلىك ساقچىلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى چاقىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تۇرسۇنئاي خانىمغا ئاسما ئوكۇل سالغان ۋە ئوكسىگېن بەرگەن.

مەزكۇر قەھرىمان پىدائىيلار خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا زەھەرلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا چېقىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھەسى سۇنۇشقا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر داۋا ملاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان ئىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق