خىتاي گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇئامىلىلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تەلەپنى رەت قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تەكلىپ بېرىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىنى ياخشىلاشقا تەۋسىيە قىلغانلىقى، بىراق خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى رەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز نىيۇيوركتا ئېچىلىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا خىتاينى ب د ت دوكلاتىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرغان ۋە «بۇ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە كۈچنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا تېخىمۇ ياخشى ئىسلاھات يۈرگۈزۈشنىڭ كاپالىتى بولىدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ب د ت نىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى «خاتا ئۇچۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس. دوكلات خىتاينى باستۇرۇشنى خالايدىغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي قورالى» دەپ بىلجىرلىغان.
گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسىتىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى كۈنسېرى خىتايلارغا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سىستېمىلىق باستۇرۇلغانلىقى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
گېرمانىيە ھەپتىلىك «قىزىق نۇقتا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسى گېرمانىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان يېشىل پارتىيەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يېشىل پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولغان روبېرت خابېك (Robert Habeck) باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى خىتايغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنى دۆلەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئىقتىساد ساھەسىنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. گەرچە ئىقتىساد مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ گېرمانىيەگە سالغان مەبلىغىگە گۇمانىي نەزەردە قارىغان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى خابېكنىڭ پىلانىنىڭ ئەكسىچە داۋام قىلغان.
گېرمانىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە ئىقتىساد ساھەسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتايغا 10 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ سان مۆلچەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ