خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارى بېيجىڭدا ئاتالمىش «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش ئىبارەت رەزىل پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ 11-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر كېڭەش يىغىنىدا يېڭى تەيىنلەنگەن جەمئىيەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان كەرىم ۋە دىنغا ئالاقىدار بارلىق كىتابلارنى يىغىپ كۆيدۈرۈپ، ئون مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان. ئۇندىن باشقا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن خىزمەت تارماقلىرى مەسچىتتىكى ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق بەلگىلەرنى، سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئالماشتۇرغان. ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئورنىغا «ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەسلى مەقسەت، بۇرچنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ»، «خىتاي ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىڭ» دېگەن شوئارلارنى، شۇنداقلا يېڭى تۈزۈپ چىققان «دىنىي ئىشلار نىزامى»دىكى بۇيرۇقلارنى يازغان، قارشى چىققانلارنى قاتتىق باستۇرغان.

خىتاي رېجىمى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇن تۈزۈپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ھەرقايسى ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيەتلىرى»گە تارقىتىپ بېرىلگەن. مەزكۇر قانۇن خىتاينىڭ 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پىلاننىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ بەش يىللىق مۇددىتى توشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئېچىلغان ئاتالمىش «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ 11-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنىدا خىتاي رېجىمى بۇ رەزىل پىلانىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2022 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق