ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا پاش قىلغان جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت ۋە گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىق خانىملار خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى 19-سېنتەبىر ئاقساراي ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىغانىدى. نۆۋەتتە نامايىشچىلارنىڭ پىداكارلىقلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېلىي كۇرىي خانىم 21-سېنتەبىر ئۇلارنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان.

لاگېر شاھىتلىرى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنى تۆت كېچە-كۈندۈز داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى زىيارەت قىلغان. نامايىش باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ئۈچ قېتىم ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان. نامايىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، يەنى 21-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېلىي كۇرىي خانىم ئۇلارنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان.

كىرىستوفېر سىمىس نامايىش مەيدانىدا سۆز قىلىپ، لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرى ھەققىدە بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر قارارنامە يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى، قارارنامىدە ئامېرىكىنى مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن، ب ب ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېلىي كۇرىيمۇ كىرىستوفېر سىمىسنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن، جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا زەھەرلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھەسى سۇنۇشقا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. تۆت كۈن جەريانىدا تۆلىگەن بەدەللەر ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىسنىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق