خىتاي تەھدىتى تەيۋەنلىكلەرنى كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا

خىتاي رېجىمى ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەيۋەنگە قارىتا بېسىم ۋە تەھدىتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەر خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەيۋەندىن كۆچۈپ كېتىشنى تاللاشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانېۋىرنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىپ، «تۆتىنچى قېتىملىق تەيۋەن بوغۇزى كىرىزىسى»نى پەيدا قىلغان. كۆچمەنلەر مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاي ئىچىدە تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەيۋەندىن كۆچۈپ كېتىش ھەققىدىكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرى ئۈچ-تۆت ھەسسە كۆپەيگەن. شىركەتنىڭ 8-ئايدىكى خىزمەت نەتىجىسىمۇ 30 يىللىق رېكورتنى بۇزغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە تەيۋەنلىكلەر دۆلەت ھالقىغان كىرىزىستىن ئانچە ئالاقزادە بولمىغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن شىركەت خوجايىنلىرى مال-مۈلۈكلىرىنى بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە كۆچۈشنى پىلانلىغان. ئۇندىن باشقا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەر كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنغان.

خىتاي ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەن ئەتراپىدا زىچ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەن خەلقىگە داۋاملىق بېسىم قىلغان. نەتىجىدە تەيۋەن بوغۇزىدا 1996-يىلىدىن بۇيانقى «تۆتىنچى قېتىملىق تەيۋەن بوغۇزى كىرىزىسى» پارتلاش بىلەن بىرگە، ئەڭ يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنى پەيدا قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا بولغان زىددىيەت سەۋەبلىك تەيۋەن ھۆكۈمىتى زاپاس ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى قايتا تەڭشەپ، ھازىرقى تۆت ئايدىن بىر يىلغا ئۇزارتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئەسكەر بولۇشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن ئەرلەر چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشنى ئويلاشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1027 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2022 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق