نامايىش توغرىسىدا

نامايىش توغرىسىدا

ئالماس ھاجى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «نامايىش» كەلىمىسى «(1) ئەمەلدە كۆرسىتىش، نامايان قىلىش، ئىپادىلەش، گەۋدىلەندۈرۈش: نامايىش قىلماق. (2) كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىرەر پائالىيەتنى تەبرىكلەش، خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى ياكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توپ-توپ بولۇپ كوچىغا چىقىپ، كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ مېڭىشى: نامايىش قىلماق» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

دېمەك، نامايىش قىلىش بىرەر مەقسەت-مۇددىئانى كوللېكتىپ ھەرىكەت شەكلى ۋە جانلىق ئۇسۇل بىلەن ئاشكارا ئىپادىلەش، نامايان قىلىش دېمەكتۇر. نامايىشتا قارشى تۇرۇش، غەزەپ، نارازىلىق، قوللاش، خۇشاللىق، قارشى ئېلىش قاتارلىق تۇيغۇلار كوللېكتىپ رەۋىشتە ھەرخىل ئۇسۇل ۋە ھەرىكەت شەكلىدە، مەسىلەن: كوچىلارغا توپلىشىپ ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ مېڭىش ئارقىلىق نامايىش قىلىش، بىر جايغا توپلىشىپ شوئار توۋلاپ، بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق نامايىش قىلىش، توپلىشىپ سۈكۈتتە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش ئارقىلىق نامايىش قىلىش، توپلىشىپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق نامايىش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ.

نامايىشنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇل-شەكىللىرى ھەرخىل بولىدۇ. بىز كۆپ ھاللاردا بىر جايغا توپلىشىپ نامايىش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىمىز. نامايىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى نامايىش قىلىشتىكى مۇددىئا ۋە مەزمۇنغا قاراپ بەلگىلەنگىنى ياخشى. مەسىلەن: بىرەر مەسىلىنى جامائەتكە ئاڭلاتماقچى بولساق كوچىلاردا توپلىشىپ مېڭىپ نامايىش قىلغىنىمىز ياخشى. بىرەر ئورگانغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولساق، شۇ جايغا بېرىپ توپلىشىپ نامايىش قىلغىنىمىز ياخشى. ھەم نارازىلىق بىلدۈرۈش، ھەم خەلقىئالەمگە بىلدۈرۈش مەقسىتىمىز بولسا، مەلۇم مۇساپىدە ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ، شۇ جايغىچە يۈرۈش قىلىپ، مەنزىلگە يەتكەندە توپلىشىپ بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق نامايىش قىلغىنىمىز ياخشى. دېمەك، نامايىشنىڭ ئۇسۇل ۋە شەكلى مەزمۇن ۋە مۇددىئاغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

نامايىش قىلىشنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە پايدىسى بار. نامايىش قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسى نامايىشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر جىددىي، تەسىرچان، ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دىققەتنى قوزغايدىغان تەرىقىدە نامايان قىلالىساق، بۇنداق نامايىشنىڭ ئۈنۈمى، نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئۈنۈمسىز، قۇرۇق شەكىلدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. نامايىشتا ھەمىشە بىر خىل شەكىل ۋە ئوخشاش ئۇسۇلنىڭ تەكرارلىنىشى پاسسىپ ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان جىددىي مەسىلىلەر بويىچە نامايىش قىلغاندا، ئاۋامنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ھەرخىل شەكىل ۋە ئۇسۇل بىلەن قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

نامايىش مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاشكارا نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى دولقۇنلاندۇرۇپ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. بىر مەسلەك ۋە بىر مەقسەتتە توپلانغان مىڭلىغان تونۇش چىرايلارنى خۇددى بىر جان، بىر تەن بولغاندەك، خۇددى بىر مۇشت بولۇپ تۈگۈلگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ. بۇ نامايىشنىڭ ئىچكى كۈچى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىدۇر. نامايىش قىلغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

نامايىش ئىتتىپاقلىشىش، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىشنىڭ رېئاللىقتا جانلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. ئايلاپ-يىللاپ بىر-بىرىنى كۆرمىگەنلەر نامايىشتا بىر-بىرىنى كۆرىدۇ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەيدۇ. تەقدىرداشلىق، قېرىنداشلىق مېھرى يۈرەكتىن يۈرەككە ئۆتۈشۈپ بىر-بىرىگە روھ بېرىدۇ.

نامايىش قارشى تەرەپكە بىزنىڭ مەقسەت-تەلەپلىرىمىزنى، ئىرادىمىزنى، جاسارىتىمىزنى ھەرىكەت بىلەن ئاۋازلىق ئىپادىلەيدۇ. قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوبيېكتقا بېسىم پەيدا قىلىدۇ. خەلقئارالىق تەسىر پەيدا قىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ.

نامايىش قىلىشتا تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بولۇشى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. بۇنداق بولمىسا نامايىشتا چېچىلاڭغۇلۇق، نامايىش تەرتىپىگە بويسۇنماسلىق، ھەتتا نامايىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. ھەر قېتىم نامايىشقا تەشكىللىگەندە نامايىش تەرتىپى، ئۇسۇلى، ئورنى، دائىرىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتناشقۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇلۇشى لازىم. مەلۇمكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامايىش قىلىش ھەققىدە قانۇن، سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بار. نامايىشقا تەشكىللىگۈچىلەر ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشى، رۇخسەت مەزمۇنىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىشى ۋە شۇ ئاساستا نامايىشقا تەشكىللىشى لازىم.

 بىر نەچچە قېتىملىق نامايىشلىرىمىزدا يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش ھادىسىلىرى ئاشۇ رۇخسەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، نامايىش تەرتىپىنى بۇزغانلىقىمىزدىن، ھەددىمىزنى بىلەلمەي قالغانلىقىمىزدىن يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرۇشىدا تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى كەمچىلىك-خاتالىقلىرىمىزنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

نامايىش مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئۆز يولى بىلەن جانلىق ئېلىپ بېرىلسا، ناھايىتى كەڭ دائىرىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭرى بولىدۇ. تەشكىلاتلىرىمىز ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تەشكىللىگەن خەلقئارالىق نامايىشلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە، قانۇن-سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش رولى بولىدۇ. بۇ ھال مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ۋاقتى كەلگەندە نامايىش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز، مۇھىمى، نامايىشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، نامايىش قىلىشنىڭ ئۇسۇل-شەكىللىرىنى مەزمۇنىغا، ئېھتىياجغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىمىز لازىم.

مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە نامايىش قىلىشقىلا ئېسىلىۋېلىش ۋە ياكى نامايىش قىلىشنى قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشنىڭ ئىككىلىسى توغرا ئەمەس. نامايىش بىزنىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ، توسالغۇ بولىدىغان نەرسە كاللىمىزدا بولۇشى مۇمكىن. نامايىش قىلىش بىلەن مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن نامايىش قىلىش ئىشلىرىمىزغا ھەر تەرەپتىن تۈرتكە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ.

2022-يىلى 22-سېنتەبىر

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2022 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق