چاۋۇشئوغلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى 22-سېنتەبىر نىيۇيوركتا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككىنچى خەلقئارالىق ئورگان بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى ئورتاق ئاۋازىمىزدۇر. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى قايتا تىلغا ئېلىشنى خالايمىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالى ئەمەلدارىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دا ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنداقلا بۇ دوكلاتتا خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھىم تەۋسىيەلەر ئورۇن ئالماقتا. بىز پەقەت ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلساقلا مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. ئاللاھ قۇرئاندا: ‹مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشتۇر. قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار› دېگەن. شۇڭلاشقا بىز مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى سىياسەتنىڭ ئۈستىگە قويۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3257 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2022 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق