بىلىنكېن خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ياردەم قىلسا، بۇنىڭ چوقۇم جاۋابى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوللانغان مۇھاسىرىگە ئېلىش تاكتىكىسىنى نۆۋەتتە خىتايغىمۇ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتونى بىلىنكېن ۋە ۋاڭ يى نىيۇيوركتىكى ئۇچرىشىشىدا كۈنتەرتىپىدىكى تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس بۇ كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىككىيلەننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا بىلىنكېننىڭ ۋاڭ يىنى رۇسىيەگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئەگەر بېيجىڭ موسكۋانى قوللىغان تەقدىردە، بۇنىڭ چوقۇم بىر ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا ۋاشىنگتوننىڭ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوللانغان مۇھاسىرىگە ئېلىش تاكتىكىسىنى نۆۋەتتە خىتايغا قارشى قوللانماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئوخشاش توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2022 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق