خىتاينىڭ كېسەللەرنى داۋالىماي تاشلىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلاردا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئائىلىگە قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ ئاشكارا قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىش ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. گەرچە خىتاي قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي جىنايى قىلمىشىلىرىنى يەنە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرىدىكى بىمارلارنى داۋالىماي تاشلىۋەتكەن.

23 - سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان 53 سېكۇنتلۇق سىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى نامەلۇم ئايرىپ قاماش رايونىغا قاماپ قويۇلغىنىغا 43 كۈن بولغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ چىققان. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويغىنىغا توققۇز كۈن بولغان بولسىمۇ، بىراق دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىمىغان. مەزكۇر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توققۇز كۈندىن بۇيان قامالغان رايوندىكى خادىملارغا، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا، ھەتتا شەھەر باشلىقىغا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىتىشنى تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ئىش بىلەن كارى بولمىغان. سەۋرى -تاقىتى توشقان بىمار سىندا ئېغىر ئۆكسۈپ يۆتىلىپ تۇرۇپ ئېچىنغان ھالدا: «كېسەل بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئايرىپ قامال قىلىدىغان ئورۇننى كىم باشقۇرىدىغاندۇ؟ بۇ ئەمەلدارلارغا كىم مەسئۇلدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

بۇنىڭغا ماس ھالدا ۋەھشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەسكەش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 18-سېنتەبىر بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 79-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئاچ قويۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. 

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندا غۇلجا ئاھالىسىدىن ئالدىن تەييارلانغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى بىلەن پاراڭلاشقان ھالىتىنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق يۇقۇم مەزگىلىدە خىتاينىڭ خەلققە پۈتۈن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلىتىپ دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇندى. 

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1216 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2022 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق