خىتاي ب د ت دا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا باشلىدى

ب د ت ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان پەيىتتە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئەترەتنى جەنۋەگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرلۈشچە، خىتاي بۇ نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاندىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىپ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ياپماقچى بولغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئەۋەتكەن مەزكۇر گۇرۇپپا ب د ت دا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توقۇلما يالغانلىرىنى سۆزلىگەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەۋەتكەن گۇرۇپپا ئىچىدە ئاخبارات دېرىكتورى ۋە بىر ئىمامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى بار بولۇپ، ئۇلار ب د ت دا قىلغان سۆزىدە يېقىندا پىنسىيەگە چىققان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلغان.

ب د ت باياناتچىسى فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خىتاي ئەۋەتكەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت ئالىي كومېسسارى نادا ئەل نەشىف بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە جەنۋەدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ھەرقانداق ھەرىكەت قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەردە ئارقىسىدا غايەت زور بېسىم شەكىللەندۈرگەن. خىتاينىڭ بۇنداق رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىشىنىڭ سەۋبلىرىدىن بىرى بۇ نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىن قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە قارار لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىتىن بولغان. 

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2022 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق