ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تۈزىتىش قارارىنى ماقۇللىدى.

رۇسىيە سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 21- سېنتەبىر بېلەت تاشلاپ، سانائەت ساھەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كىلىمات شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان خېمىيەلىك ماددىلارنى ئازايتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان كىلىمات شەرتنامىسى بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتايغا چېتىلىدىغان يېرىدە بولسا «خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە  69 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 27 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقلانغان بولۇپ، شەرتنامىنى تەستىقلاشقا قاتناشقان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئومۇمىي كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاشقان. بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان توڭلاتقۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان گىدروفتورىد كاربون، سانائەت خېمىيەلىك ماددىلىرىنى ئىشلىتىش تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ماقۇللىنىش مەسىلىسى 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئارىسىدا كەم ئۇچرايدىغان ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1251 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2022 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق