مىللىي قەھرىمان سەدىردىن ساۋۇت

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

«ئەگەر سەن دۇنيا تارىخىدا ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان، غۇرۇرۇڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا قارشى سەنمۇ قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، دۇنيا تارىخىدا ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە كۈرەش قىلىشىڭ، ھەم دەپسەندە قىلىنغان غۇرۇرىڭنى، ئاياغ-ئاستى قىلىنغان ئىپپەت-نومۇسىڭنى قايتۇرۇپ ئېلىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلالىغان چېغىڭدىلا ئاندىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ، ‹بىچارە خەلق› دەپ يېزىلىشقا تەمشەلگەن قەلەملەرنى ‹يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان قەھرىمان خەلق› دىگەن سۆزلەرنى يېزىشقا ئۆزگەرتەلەيسەن».

«جاللات خېنىم»دىن

 

سەدىردىن ساۋۇت يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن، خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن، ھەم ئېزىلگەن خەلقىنىڭ چەيلەنگەن ئىپپەت-نومۇسى ۋە غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلالىغان بىر مىللىي قەھرىمان.

سەدىردىن ساۋۇت 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى (چارشەنبە) سائەت 19:10 دا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئادەم بومبا بولۇپ، ئۆزىنى پارتلىتىپ شېھىت بولۇش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچى خىتايغا قارشى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغان، مۇستەقىللىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

سەدىردىن ساۋۇت 1975-يىلى شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان، ئىككى بالىسى بار. ئۇنىڭ دادىسى ھايات بولۇپ، ئانىسى ۋاپات بولغانىكەن. ئۇنىڭ يەنە سەمەت ساۋۇت، تاھىر ساۋۇت ۋە خېۋىردىن ساۋۇت قاتارلىق ئۈچ قېرىندىشى بار.

ئۇ ئىنتايىن ئەخلاقلىق ۋە ئېسىل سۈپەت كىشى بولۇپ، ئۆزىنى ۋەتىنىگە بېغىشلاشتىن بۇرۇن خىتايلار ئۇنىڭ ھېچقانداق جىنايىتىنى تاپالمىغان. ئۇ ئەكسىچە قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئەل-جامائەت ئىچىدە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشى ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى يېزا خەلقىدىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، پۈتۈن خەلق ئومۇميۈزلۈك ئۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.

سەدىردىن ساۋۇت 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ شاياردىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تىرىكچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ئۇ بۇ جەرياندا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ۋە ياۋۇز نىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن ۋە خەلقىنى قولىدىن كېلىشىچە خىتايغا قارشى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئويغىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ھەرىكەت قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىغان.

قانداق قىلىش كېرەك؟

بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى قەھرىمانسىز قولغا كەلمەيدۇ. قەھرىمانسىز مىللەت زالالەت باسقان مىللەتتۇر. خەلقلەر ئەركىنلىكنىڭ، دىيارلار قەھرىمانلىقنىڭ ھەسرىتى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەركىنلىك قەھرىمانىنىڭ ھىمايىسىگە موھتاج. قەھرىمانلىق پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇ ئاخىر بىردىنبىر ئۈنۈملۈك چارىنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ھەم دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېنىق بىر سىگنال بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئاز بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا تارتىش قارارىغا كېلىدۇ.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى باش قاتۇرۇپ، قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ پارتلىتىش دورىسى ياسايدۇ ۋە دورىنى بىر چاماداننىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەرىكەت قىلىدىغان نىشاننى خىتاي ئاققۇنلىرى ھەر كۈنى سۇدەك ئېقىپ كېلىدىغان ئۈرۈمچى ۋوگزالى قىلىپ بېكىتىدۇ.

سەدىردىن ساۋۇت تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن بىر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغانلىقىقا 733 كۈن بولغانىدى. ئۇ دوستى بىلەن كەچ سائەت يەتتە ئەتراپىدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ خىتايدىن يولغا چىققان پويىزنىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كەلگەن، مىڭلىغان ئاققۇن خىتاينىڭ پويىزدىن چۈشۈپ، ۋوگزالدىن مىغىلداپ چىقىشقا باشلىغان ۋاقىت ئىدى. سەدىردىن ساۋۇت ئۆزىنى توختىتىپ، ئەتراپنى كۆزەتكەندىن كېيىن ۋوگزال مەيدانىغا، ۋوگزالدىن مىغىلداپ چىقىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇ سائەت 19:10 مىنۇت ئۆتكەندە، خىتاي ئاققۇنلىرى ئەڭ زىچ بولغان مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ چامادانىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلىتىدۇ.

سەدىردىن ساۋۇت ئۆز ھاياتىنى ۋەتىنىگە بېغىشلاش ئارقىلىق قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەيدۇ.

«گۇم» قىلىپ پارتلىغان بۇ كۈچلۈك ئاۋاز ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياڭراق ساداسىدۇر!

قەھرىمانلار ئۆلسىمۇ، قەھرىمانلىق ئۆلمەيدۇ. ئازادلىققا ھەممەيلەن تەلپۈنىدۇ، بىراق ئازادلىق پەقەتلا قەھرىمانغا تەلپۈنىدۇ.

قەھرىمانلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىكى نادانلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن پىتنە-پاسات قىلىشىدىن، ئۆسەك سۆز تېپىشىدىن قورقمايدۇ. ھەر خىل تونغا ئورىنىۋالغان مەمەدانلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن، ھاقارەتلىرىدىن، ھەتتا سۇيىقەستلەردىن قورقمايدۇ.

قەھرىمان بولۇش دېمەك ئۆزىنى ۋاقىتسىز ئۆلۈمگە ئېتىپ ھالاك بولۇش، دېگەنلىك بولمايدۇ. قەھرىمان دېگەن ۋاقتى كەلگەندە خەلقىنى ئويغىتىش، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي، بىر چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ قالغان، ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان خەلقىگە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان جاسارەتكە ئىگە كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قەھرىمانلارنى ھېچكىم دورىيالمايدۇ، ھەم تەقلىد قىلالمايدۇ. قورقۇنچاقلارنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى دېسەك، قەھرىمانلار ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە چاقنىغان يۇلتۇزلاردۇر.

ياشىسۇن مىللىي قەھرىمان سەدىردىن ساۋۇت!

ياشىسۇن مىللىي قەھرىمان سەدىردىن ساۋۇت روھى!

 

2022-يىلى 24-سېنتەبىر

بۇ خەۋەر 973 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2022 23:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق