پىلان تۈزۈش

پىلان تۈزۈش

«ۋەتەنسىزلىك - قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابنىڭ 6-بابى

 

شاۋگۈئەن شەھىرىدىكى قانلىق ۋەقەدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي دائىرلىرىدىن ۋەقە سادىر قىلغان قاتىل خىتايلارنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلار بىر ھەپتە بويىچە ساقلاپ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتاي دائىرلىرىدىن قاتىللارنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ۋەھشىيلەرچە قانلىق قىرغىنچىلىقى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تەلۋىلەرچە باستۇرۇشى بىلەن باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە باشتا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىش، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلىش، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش قاتارلىق قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەر بىلەن خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە دېگۈدەك ئون مىڭلارچە تۈركىيە خەلقى ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈركىيە خۇددى قايناۋاتقان قازاندەك بولۇپ كەتتى.

ئەمما شۇنچە تىرىشچانلىقلار خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن غالجىرلارچە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىن توسۇپ قالالمىدى. ۋەتەندىن ھەر كۈنى شۇم خەۋەر كېلىپ تۇراتتى. كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرنىڭ ئالدى - ئارقىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇ شۇم خەۋەرلەرمۇ خىتاينىڭ ناھايىتى قاتتىق چەكلىمىسىدىن ئۆتۈپ، چەتئەللەرگە تاسادىپىي چىقىپ قالغان شۇم خەۋەرلەر بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ بەلكىم مىڭدە بىرى ئىدى.

مەن بولسام نەچچە كۈنگىچە ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئاچچىق يۇتۇپ ئۆتتۈم. ئىچىمدە ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىغانلىرىم قايتىدىن جانلىنىشقا باشلانغان ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ 

مەن 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىزمىردىكى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئاخىر بىر قارارغا كەلدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە كۈنلەپ ئۆيۈمدىكى دۇنيا خەرىتىسىگە قاراپ، قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئىككى خىل پىلان تۈزۈپ چىقتىم. بۇ پىلاننىڭ بىرىنچىسىدە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، x ، ھىندىستان، پاكىستان، x قاتارلىق 6 دۆلەت تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپى ئىسلام دۆلەتلىرى ئىدى. تۈزۈلگەن پىلان خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى باش ئەلچىخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىدى. ئەگەر ئۈلگۈرەلمەي قالساق، بىزنىڭ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگە توغرىلىساقمۇ بولاتتى. بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 ئادەم لازىم بولۇپ، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئىشلار باشقىچە بولاتتى. 

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ پىلاندا ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلام دۆلەتلىرىنى تاللىدىم؟ چۈنكى بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن ئىدى. خىتايغا ئىشىنەتتى ۋە ھەرقانداق ئىشتا خىتاينى قوللايتتى. بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقىدىن نومۇس قىلمىسا ئاللىقاچان كەبىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ خىتايغا سەجدە قىلغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن شۇ دەرىجىدە ئېغىر قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا بىرەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىقى ئەمەس، ھەتتا چوڭراق بىرەر ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاينى بىر ئېغىز تەنقىد قىلمايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي تەرەپدارى بولۇپ، ھەتتا «ئۇيغۇر» دەپ خىتاي مۇستەملىكىسىدە ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. بىز ئەگەر يۇقىرىقى پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، خىتاينىڭ خىتايلىقىنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمان، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر دېگەن مۇسۇلمان مىللەتنى بىلمەيدىغان ئىسلام دۆلىتى قالمايتتى. نەتىجىدە بىزنى خۇپسەنلىك قىلىپ ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن بىلمەس، ئۇقماس بولۇۋالغان 1 مىليارد 300 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان مىللەتلەر ياشاۋاتقان 50 تىن كۆپ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىلىپ يېتەتتى.

بىز نېمىش قىلساق بىزنىڭ توغرا ئىدى. چۈنكى خىتاي بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان بىر تاجاۋۇزچى ئىدى. بىز 60 يىلدىن بۇيان دۇنيا خەلقىگە ھەر خىل يىغىن ۋە نامايىشلار ئارقىلىق دەردىمىزنى ئاڭلىتىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساقمۇ، ئاڭلىتالمىغان ئىدۇق. ئاخىرىدا ھەتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىپ بېرىپ: «قوشۇنىڭلارنى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا باشلاپ كىرىڭلار» دەپ تەلەپ قىلىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەنىدۇق. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئىكەن، نېمىش قىلساق، ئەلۋەتتە بىزنىڭ توغرا بولاتتى.

ئىككىنچى پىلان بولسا، 20 - 30 ئادەم چىقىپ ياۋروپادىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەردىن 20 - 30 دۆلەتتىكى خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسىغا بىرلا ۋاقىتتا بىر ئىش قىلىش ئىدى. مەن بۇ ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلەشتۈرگىلى، ھەم خىتاينى چۆچۈتۈپ، ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى قىسمەن بولسىمۇ توختاتقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ھەر ئىككى پىلانغا قاتناشقۇچىلار قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقانداق بىر تەشكىلاتقا چېتىلىپ قالمايدىغان ئادەملەر بولۇشى كېرەك ئىدى.

مەن بۇ پىلانلارنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆزۈم بىلىدىغان تونۇش - بىلىشلىرىمگە تېلېفون قىلىشقا باشلىدىم. بەزىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ ئايرىم كۆرۈشكەن بولسام، بەزىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشتۈم. يەنە بەزىلىرى بىلەن تور ئارقىلىق يېزىشىپ كۆرۈشتۈم. ئەمما شۇنچىلىك ھەيران قالدىمكى، 9 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈشكەن يۈز دىن كۆپ ئادەمدىن بىرسىدىنمۇ «مەن بار» دېگەن گەپ چىقمىدى. توۋا! شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرىم بوشقا كەتتى. ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. نوپۇسى چىقىپ، بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇشى خاتىرجەم بولۇپ بولغاندىن كېيىن باشقىچىلا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن. 

 بۇ ئادەملەر نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بىر ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ قورقىدىغاندۇ؟ نېمىشقا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلارغىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغاندۇ؟ نامايىش قىلىپ، يىغىن ئېچىپ، يىغلاپ - قاقشاپ يۈرۈپ ۋەتەننى ئازاد قىلىمىز دەپ ئويلامدىغانمىدۇ؟ دېمەك، ئاغزىدا چوڭ سۆزلەپ ئىنقىلاب قىلىدىغان ئادەم ئايرىم بولىدىكەن، نامايىش قىلىدىغان، بايراق كۆتۈرىدىغان ئادەملەر ئايرىم بولىدىكەن. ئەسلى تېگىدىن ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ئادەملەر ئايرىم بولىدىكەن.

(داۋامى بار)

بۇ خەۋەر 966 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق