تۇرپان خەلقى خىتاينىڭ يالغان خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارادا بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئاشكارىلىنىۋاتقان نۇرغۇن سىنلاردىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەر كۈنسېرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي تەشۋىقاتلىرى نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ دېھقانلارنىڭ، ئۆيلىرىگە سولانغانلارنىڭ ۋە يۇقۇم تەدبىرلىرى ئۈچۈن ئايرىم كۆزىتىشكە ئېلىنغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ يالغان تەشۋىقاتلارغا چىدىمىغان خەلق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» 24-سېنتەبىر خۇددى يۇقۇم قاماللىرى بىكار قىلىنغاندەك، بارلىق دېھقانلار مول-ھوسۇل خۇشاللىقىغا چۆمگەندەك خەۋەر بەرگەن بولسا، بىر تەرەپتىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى تۆمۈر چاڭگىلىدا ئېزىۋاتقان ما شىڭرۈي 23-سېنتەبىر كەچتە كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، قاتتىق قامالنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى يالغانغا چىقىرىشى قاتتىق مەسخىرىگە ئۇچرىماقتا.

ئاتالمىش شىنجاڭ خەۋەرلىرىنىڭ 24-سېنتەبىر تارقىتىلغان خەۋىرىدە قىلچىلىك نومۇس قىلىشنى بىلمىگەن خىتاي رېجىمى: «ئالتۇن كۈزدە تۇرپان ئۈزۈمى، پىچان قوغۇنى، كورلا نەشپۈتى قاتارلىق مېۋىلەر پىشىپ بازارغا سېلىندى. جايلار ئۈزۈش سېتىۋېلىشنى تېزلىتىپ، سېتىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيشىغا تۈرتكە بولدى، ھەممە يەردە مول-ھوسۇل شاتلىقى ئەكس ئەتتى» دەپ تەشۋىق قىلغان بولۇپ،  ھازىر تۇرپان شەھىرىدە ئۈزۈم ئۈزۈشنىڭ ئاخىرلىشاي دەپ قالغانلىقىنى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، تۇرپان شەھىرىدىكى 543 مىڭ 800 مو ئۈزۈملۈكنىڭ 531 مىڭ 100 موسىدىكى ئۈزۈم ئۈزۈلۈپ، 324 مىڭ 900 توننا ئۈزۈم سېتىلغانلىقى»نى تەشۋىق قىلغان.

شۇنداقلا يەنە خەۋەردە پىچاننىڭ قوغۇنلىرىنىڭمۇ بازارغا سېلىنغانلىقى ۋە كورلىدىىكى نەشپۈت ئۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭمۇ جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەيلى پىچاندىكى قوغۇن ئېتىزىدا بولسۇن، مەيلى كورلىدىكى نەشپۈتزارلىقلاردا بولسۇن، بۇ يەردىكى زور كۆلەمدىكى قوغۇن، نەشپۈتلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى. 

خىتاينىڭ بۇ يالغان خەۋىرىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىغان تۇرپان خەلقى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

شۇنداقلا ما شىڭرۈينىڭ 23-سېنتەبىردىكى يىغىندا ئاتالمىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، دەپ بىلجىرلاشلىرى، «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق قىلغانلىقىمۇ، ئەمەلىي ۋەزىيەتنىڭ خىتاي خەۋەرلىرىنىڭ ساختىلىقىنى روشەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.  

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 18:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق