خىتاي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاي يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارادا بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە دائىمىي كومىتېتى 23-سېنتەبىر كەچتە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدا ئىشىكلەرنى مەجبۇرىي تاقاپ، خەلقنى ئاچلىقتا قىيناپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالدى. بولۇپمۇ كېسەللەرنى دوختۇرغا ئاپىرىشنى رەت قىلىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇش، ئاتالمىش «دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا زەھەرلىك دورىلارنى سىناق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچقان. يىغىندا ما شىڭرۈي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، ھەتتا يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىلغان ئەجىرنى يوققا چىقارماسلىق قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەش ئارقىلىق، قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ما شىڭرۈي يىغىن ئاخىرىدا يەنە: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداق ھالەتتىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى داۋاملىق تەكىتلىگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەندىكىلەرنىڭ قىرغىن بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماستىن، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 18:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق