لىز تىراس: خىتايغا قارشى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇھىم بولماقتا

ئەنگلىيە باش ۋىزىرى لىز تراس خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسىرى مۇھىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋىزىرى لىز تراس: «ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتى كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ مۇھىم» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تراس يەكشەنبە كۈنى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا كۆرۈشكەن. ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ «خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئەنگلىيە تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتەمدۇ-يوق» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

باش ۋەزىر تراس ئالدىنقى ھەپتە نيۇيوركتا ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە، «خىتاينىڭ يېقىندا تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا تەھدىت سالدى» دېگەنىدى ۋە ئىككى باش ۋەزىر يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەر، G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىنى توسۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

9-ئاينىڭ بېشىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان تىراس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە، ھەمدە سايلام رىقابىتى جەريانىدىمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 ىگە يەتكۈزۈپ، 2030-يىلىدىن ئىلگىرى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1131 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 19:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق