خىتاي پۇقراۋى پاراخوتلار بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسەتمەكتە

خىتاي يۈزلىگەن پۇقراۋى پاراخوتلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى زېمىن دەۋاسىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئاللىقاچان پاراخوت سانى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە يېڭى پاراخوتلارنى ياسىغان. بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي ئۆزى لايىھەلەپ ياساپ چىققان تۇنجى ئاۋىياماتكىسىنى ئارمىيەگە تاپشۇرغاندىن سىرت كەم دېگەندە بەش يېڭى قوغلىغۇچى ھەربىي پاراخوت خىتاي ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز دەپ ئاتايدىغان تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىزدا نەچچە ئاي ئىچىدە بېلىقچىلىق كېمىسى قاتارلىق پۇقراۋى پاراخوتلار ئەسلىدىكى پاراخوتلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، پۇقراۋى پاراخوتلار ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەس بولغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان.

ئاسىيادىكى دېڭىز-ئوكياننىڭ ئوچۇق بولۇش تەشەببۇسىنىڭ مۇدىرى گرېگورىي پولىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «پۇقرالار پاراخوتى» نامىدا دېڭىزدا ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ پاراخوتلارغا خىتاي بۇيرۇق قىلغان، ھەمدە بۇ پاراخوتلارنىڭ چىقىمىنى خىتاي تۆلىگەن. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق قوشنىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. ئەمما كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتكە كەلگەندە مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پۇقراۋى چاتما پاراخوتلارنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمما بۇ سان شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە «سەنشا غول لىنىيەلىك پاراخوت فىلوتى» نامىدا ھەرىكەت باشلاپ پاراخوتنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. خىتاي بۇ يېڭى پىلانىدا مەقسەتلىك ھالدا پۇقرالارغا يېڭى پاراخوت ۋە بېلىقچىلىق كېمىسى ياساشقا ياردەم بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەزكۇر رايوندا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش مەقسىتىدە، تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغان. فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋىيېتنام ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ سىپراتلى ئارىلىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، سپراتلى ئارىلى مول بېلىقچىلىق رايونى ۋە مۇھىم دېڭىز تىرانسپورت يولىغا جايلاشقان. بۇ رايوندا يەنە ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسى بار دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1006 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 19:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق