14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ.

2009-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرى، ئاكادېمىكلار، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىش بۇ يىل 14 -يىلىغا قەدەم قويدى.

ئۆتكەن 13 يىل جەريانىدىكى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئىدىيەۋى ئىتتىپاقلىق، ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك تونۇش ۋە مىللىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى.

بۇ يىلقى 14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ يىلقى ئۇچرىشىش ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، مەۋجۇت ۋەزىيەت ۋە يېڭى سىياسەت ، تۈرك دۆلەتلىرى، غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، خىتاينىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، پۇرسەت ۋە تەھدىتلەر، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە كۈچلەندۈرۈلۈشى كېرەك بولغان نۇقتىلار، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ۋە ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەدەنىيەت كۈرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركسىتان مۇجادىلىسى قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە 14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى تىلىدى.

بۇ يىلقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىش بىلەن باشلىنىپ،  4-ئۆكتەبىر ئاياغلىشىدۇ.  

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2436 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2022 19:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق