بىر قارارغا كېلىش

بىر قارارغا كېلىش

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن

 

مەن قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى (پەيشەنبە) كەچتە تۆت دوستۇمنى زەيتىنبۇرنۇ پويىز بېكىتى مەيدانىدىكى گۈللۈ ئوغلۇ چايخانىسىغا تەكلىپ قىلدىم. بۇلار مەن بۇرۇن ئەڭ يېقىن دەپ كۆڭلۈمگە پۈككەن دوستلىرىم ئىدى. بىز بۇ چايخانىدا مېنىڭ بىلەن قوشۇلۇپ بەش كىشى سۆھبەتلىشىپ ئولتۇردۇق. مەن بۇ جەرياندا ئۇلارغا مىسىر، ھىندىستان، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان... قاتارلىق 6 دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا پائالىيەت قىلىش... قاتارلىق پىلانىمنى ئېيتتىم. ئەتراپىمدىكى تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى گەپلىرىمنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. مەن يەنە جىددىي ھالدا بۇنىڭ چاقچاق ياكى قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتىم. ئەمما ئۇلار قۇرۇق گەپ قىلىشىپ كۈلۈپ ئولتۇرۇشتى. بۇ سۆھبەت مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى (دۈشەنبە) كەچتە ئۈچ ئەر ۋە بىر ئايال بولۇپ تۆت كىشى گۈللۈ ئوغلۇ چايخانىسىدا ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزۇن سۆھبەتلەشتۇق. بۇ جەرياندا دېيىلگەن گەپلەر:

1. ئۇ ئايال بىلەن مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇش توغرۇلۇق مۇزاكىرە بولدى. بۇ مۇزاكىرە ماڭا ئامېرىكىنىڭ ۋىزا بەرمىگەنلىكى بىلەن ئاخىرلاشتى (چۈنكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ماڭا ۋىزا بەرمىدى).

2. ئارىمىزدىن بىر كىشى تۈركىيەدە بىر ئىش قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قالغانلىرىمىز تۈركىيەدە بىر ئىش قىلساق قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى (سەيشەنبە) مەمەت نۇر ئېسەكە ئائىلىسى قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە ئىپتارلىق بەردى. بىز ئىپتاردىن يېنىپ، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىگە بېرىپ كېچىچە ئىبادەت قىلىپ تۈنەپ چىقتۇق. مەن بۇ جەرياندا مەلۇم بىر كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. كېيىن ئىبادەت قىلىش جەريانىدىكى بوش ۋاقىتتا ئۇ كىشى بىلەن ئايرىم ئەھۋاللاشتۇق. بۇ جەرياندا ئۇ كىشىدىن تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى سورىدىم.

1. يۇقىرىقى ئالتە دۆلەتتە پائالىيەت قىلىش پىلانىمنى ئېيتتىم. ئۇ كىشى ئېيتتى:

- مىسىر بولىدۇ. ئەرەبىستان بىلەن x ياخشى، ھىندىستان مۇھىم. پاكىستان بىلەن x بولىدۇ. ئەمما ھازىر تەييارلىقىمىز يوق، ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالغۇچە جىمجىت ھالدا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

- نېمىشقا؟

- ھازىر ئادەم يوق.

- شۇنچە ئادەم بارغۇ؟

- سىلە دېگەن ئىشقا ھېچبىرى يارىمايدۇ، يارايدۇ دېگەندىمۇ ئەڭ ئاز بەش-ئالتە ئاي تەييارلىق قىلىش كېرەك.

ئەمما مەن چىڭ تۇردۇم. ئۇ كىشى يەنە:

- ھازىر دۇنيا بىزنى ئېزىلگەن خەلق دەپ تونۇدى. بىز ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ مۇشۇ ھالىتىمىزدە كۆرۈنىشىمىز كېرەك. بىز بىر ئىش قىلماقچى بولساق ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چاققاندەك ئوتتۇرىغا چىقىپ، غىل-پال كۆرۈنۈپ قويۇش بىلەن مەقسىتىمىز ھاسىل بولمايدۇ. بىر ئىش قىلىدىكەنمىز، قىلغان ئىشىمىز ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى لازىم، داۋاملىشىشى لازىم. بىر ئىش قىلغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئايىغىنى چىقىرىشىمىز لازىم. ھازىر بىزنىڭ تەييارلىقىمىز يوق، ئالدى بىلەن ئاساسىمىزنى تىكلىشىمىز لازىم...،- دېدى.

مەن ئۇنىڭغا:

- تاغدىكىلەر نېمىشقا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلمايدۇ؟- دېدىم. ئۇ كىشى:

- ئۇلارنىڭ باشلىقى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قوشۇلماپتۇ،- دېدى. مەن:

- بۇ قانداق گەپ؟-دېدىم. ئۇ كىشى:

- ...

مەن يەنە تۈركىيەدە بىر ئىش قىلىش پىكرىمنى ئېيتتىم. ئۇ كىشى بۇ پىكرىمگە قارىتا:

- بىز بۇ زېمىندا-تۈركىيەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتىمىز. تۈركىيە بىزنىڭ چەت ئەلدىكى بازىمىز، تۈركىيەدە قەتئىي بولمايدۇ، كىمكى تۈركىيەدە بىر ئىش قىلىدىكەن، ئۇ بىزگە دۈشمەنلىك قىلغان بولىدۇ،- دېدى. ئۇ كىشى مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا قاراپ، ماڭا تەسەللى بېرىپ:

- ئەسلىدە قولىمىزدىن كەلسە، ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ توغرا جاي ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ ئىدى، كۆڭۈللىرىنى چۈشىنىمەن، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا،- دېدى.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى (پەيشەنبە) ۋەتىنىم تورىدىن دولقۇن ئەيسانى جەنۇبىي كورىيە ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم ۋە قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.

شۇنداق قىلىپ شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرىم بوشقا كەتتى. مەن تونۇيدىغان ۋە بىلىدىغان ئادەملىرىمدىن ئۈمىدىم ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا مەن بىلىدىغان ئىككى ئايالغا تېلېفون قىلىپ، كۆرۈشۈش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى (چارشەنبە) چۈش ۋاقتى سائەت بىرلەر بىلەن ئۇ ئاياللار كەلدى. مەن ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم. چايدىن كېيىن ئۈچىمىز مەخسۇس ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشتۇق. مەن ئۇلارغا دېمەكچى بولغان ئىچىمدىكى گەپلىرىمنى مۇنداق ئېيتتىم:

- مەن ئۆتكەندە سىلەرگە ۋە باشقا ئۆزۈم بىلىدىغان بەزى كىشىلەرگە يەتتە دۆلەت (تۈركىيە بىلەن قوشۇلۇپ)تە پائالىيەت قىلىش توغرۇلۇق پىلانىمنى دېگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ بەزىلىرى: «نوپۇس دەپتىرىدە ھەم تۈركىيە، ھەم خىتاي پۇقراسى، دېگەن خەت چىقىدۇ. شۇڭا چىڭ يېرىگە چىققاندا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار» دېدى. «تۈركىيەدە» دېگەن گېپىمگىمۇ ھېچكىم قوشۇلمىدى. مەن ئەسلىدە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىشقا ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ بەكرەك قارشى ئىدىم. ئەمما مېنىڭ قىلماقچى بولغان پىلانىم 3-دەرىجىلىك پىلان بولۇپ، تۈركىيەگە ئۇ دەرىجىدە ئېغىر كەلمەيتتى. بىر ھەپتە بۇرۇن جەنۇبىي كورىيەنىڭ دولقۇن ئەيسانى ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ۋەقەسى ئۇلارنىڭ: «نوپۇس دەپتىرىدە ھەم تۈركىيە، ھەم خىتاي پۇقراسى، دېگەن خەت چىقىدۇ...» دېگەن گەپلىرىنى كۈچەيتتى.

مەن بۇ پىلانىمنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن تۈركىيە ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 120 گە يېقىن تونۇشۇمغا دېدىم. ئۇلارنىڭ باھانىسى چېچىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ باشلىغان قىرغىنچىلىقى توختىمىدى. قانچىلىق دەھشەتلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ. مانا ئەمدى شىرىنگا ۋەقەسى دەپ گەپ تاپتى. ئۇيغۇرلار ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن كېتىۋاتقان خىتايلارغا خىروئىن ئۇرۇۋېتىپ بارغانمىش. خىتاي دېگەن بىر تاجاۋۇزچى. بۇنداق قانخور تاجاۋۇزچىنىڭ شەيتاننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان باھانە-سەۋەبلىرى كۆپ بولىدۇ. خىتاي بۇ 2-3 ئايدىن بۇيان ۋەتىنىمىزدە ھەقىقەتەن چوڭ تازىلاش، قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز بولساق پەقەت ناھايىتى ئاز، تاسادىپىي ئېقىپ چىقىپ قالغان خەۋەرنىلا ئاڭلاۋاتىمىز. بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن سەل ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك. تارىختا ھېچ بولمىسا «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا شۇ دەرىجىدە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزسە، چەت ئەلدىكىلەردىن بىرەر ئەمەلىي قارشىلىق ھەرىكىتى بولماپتىمۇ؟» دەپ سورىلىپ قالسا، دېگۈدەك ئىككى ئېغىز گېپىمىز بولسۇن. خىتاينىڭ دۆلىتى قۇرۇلغان، بىزنىڭ دۆلىتىمىز مۇنقەرز بولغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كۈنى ئەھۋالدىن قارىغاندا تۈركىيەدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ نامايىشتىن باشقا بىر ئىش بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بىز ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، ھازىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى رابىيە قادىر خانىمدىن ئىبارەت بىر ئايال قىلىۋاتىدۇ. 30 مىليون ئىنساندىن تۈزۈكرەك بىر ئەر چىقمىدى. ئەمدى سىلەرنى ئاتايىن ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىشىمدىكى مەقسىتىم، سىلەر ياۋروپادىن ئۆزۈڭلار خالىغان ئىككى دۆلەتنى تاللىساڭلار، چىقىملىرىنى مەن ئۈستۈمگە ئالسام، مەن تۈركىيەدە ئويلىغىنىم بويىچە ئۇرۇنۇپ كۆرسەم، دېمەكچىمەن. قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئاشماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ئۇرۇنۇپ كۆرۈشىمىز، ئىرادىمىز، مەيدانىمىز مۇھىم. ھېچبولمىسا ئۈچ دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا پائالىيەت ئېلىپ بارالىساق، چوڭ خەۋەر بولۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قىسمەن بولسىمۇ چوقۇم خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قاراتقىلى بولىدۇ. خەلقىمىزدىمۇ ئۈمىد ۋە بىر خىل ھاياجان بارلىققا كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىمۇ كونا قېلىپتىن چىقىپ، يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا رابىيە قادىر خانىمغا سىلەر ئىككىڭلارنىڭ قوشۇلۇپ ئۈچ ئايالنىڭ مەيدانغا چىقىشى چوڭ بىر ھاياجان قوزغايدۇ. سىلەرنىڭ بۇ جاسارىتىڭلار ۋەتەن سىرتىدىكى نى مۇجاھىد، قەھرىمانلارنىمۇ، ئىنقىلابچىلارنىمۇ ئويلاندۇرۇپ، ۋىجدان ئازابى ئېلىپ كېلىپ، ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن،- دېدىم.

ئۇ ئىككى ئايال گېپىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:

- بىز ئاجىز، بىزنىڭ بىزگە ئىگە چىققۇدەك كۈچلۈك تەشكىلاتىمىز يوق. دۇنيا كۈچلۈك ئاتالغانلارغا بىر نەرسە دېيەلمىگەن بىلەن، ئەگەر بىز بىرەر ئىش قىلساق، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى دەيدىغان گەپلىرى بىر تەرەپتە قېلىپ بىزنى تېررورچى دەيدۇ... ،-دېيىشتى.

بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ئاياغلىشىپ مەن ئۇ ئاياللارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ناھايىتى قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. چۈنكى بۇ كۆرۈشۈش مېنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىشىم ئىدى. مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ بۇنداق يالغۇز ئىكەنلىكىمنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن، ئەمدى بىلدىم. ھەقىقەتەن ئەمدى بىلدىم.

خوش، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟

9-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) مەن چۈشتىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىپ چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا ئالدىراپ كېتىۋاتاتتىم. ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كوچىسىدىكى بىم ماركېتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام، بىرسى «مەمەت تۇرسۇن» دەپ چاقىردى. قارىسام بىم ماركېتنىڭ يېنىدىكى چايخانىدا ئىككى كىشى چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىن ئىككى-ئۈچ مېتىرچە ئۆتكەن بولۇپ، ئارىلىقىمىز تۆت-بەش مېتىر كېلەتتى. مېنىڭ قارىشىمغا ئۇلاردىن بىرسى:

- ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭلا، كېلىڭلا بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ مېڭىڭلا،-دېدى. مەن:

- رەھمەت،-دېدىم. ئۇ كىشى:

- ھە، سىلە ۋەتەننى ئازاد قىلغىلى ماڭدىڭلىما؟ بوپتۇ، سىلە بېرىپ ۋەتەننى ئازاد قىلىپ كېلىڭلا، بىز مايەدە چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرايلى جۇما،- دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، يېنىدىكى دوستىغا قاراپ، ئىككى تىزىنى شاپىلىقى بىلەن ئۇرۇپ تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ھەر قېتىم تىزىنى ئۇرغىلى قولىنى كۆتۈرگەندە، بېشىمۇ تەڭ كۆتۈرۈلۈپ تەڭ چۈشەتتى. مەن ئۇلارغا ھېچ نەرسە دېمىگەنىدىم. ھەتتا ئۇلار مېنى چاقىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغانلىقىنىمۇ كۆرمىگەنىدىم.

مەن ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن قايتا-قايتا ئويلاندىم. خىتاي دائىرىلىرى ۋەتىنىمىزدە غالجىرلارچە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىق توختايدىغاندەك ئەمەس. خەلقىمىزنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ھالى قالمىدى. پۈتۈن دۇنيا سۈكۈتتە. ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش. ئەگەر ھېچقانداق قارشىلىق ھەرىكىتى بولمىسا، تارىخ بېتىگە قانداق يېزىلار؟ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بىز توغرۇلۇق نېمە دەر؟

بىر ئاللاھتىن باشقا دەردىمنى ئاڭلىتىدىغان ھېچكىمىم يوق. يالغۇزلۇقتا ئادەمنىڭ روھىمۇ چۈشۈپ كېتىدىكەن.

 مەن ۋەتەندىن قانداق ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن چىققانىدىم. «مۇشۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ؟ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەسمۇ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك؟ زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ۋاقىتنى بۇنداق ئۆتكۈزۈۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇزارىنى باشقىچە بىر ئۇسۇل بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىش لازىم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش لازىم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ قىلچىمۇ ئاجىزلاشمىغانلىقىنى، ھېچقاچان تاجاۋۇزچى، تېررورچى خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش لازىم. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تاجاۋۇزچى، تېررورچى خىتايغا قارشى جاسارەتلىك بولۇشقا چاقىرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىچىك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈمىدلەندۈرۈش ۋە ئاز بولسىمۇ ھاياجانلاندۇرۇش لازىم. ئى ئاللاھ! مەن يالغۇز قالدىم، ماڭا مەدەت بەرسىلە، ماڭا ياردەم قىلسىلا، ئەڭ كىچىك بولسىمۇ بىر ئىش قىلىشقا نېسىپ قىلسىلا».

مەن قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئاخىر ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئۆزۈم يالغۇز بولساممۇ قولۇمدىن كېلىشىچە بىر تىرىشىپ بېقىشىم كېرەك» دېدىم ۋە بىر قارارغا كەلدىم.

مېنىڭ قارارىم بولسا بىرقانچە دانە بېنزىن بومبىسى ياساپ، ئەنقەرەگە ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ دۆلىتى قۇرۇلغان، بىزنىڭ دۆلىتىمىز مۇنقەرز بولغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئىدى. بۇ پىلان مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنى ۋە كۈچۈمنىڭ يەتكىنى ئىدى.

كىم بىلىدۇ، بۈگۈن مەن قىلسام، بۇنى ئاڭلىغان بىرسى ئەتە ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنى ئاڭلىغان باشقا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىرسى 3-كۈنى ئوتتۇرىغا چىقسا. ھەتتا بىر قانچە دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەردىن 20-30 ئادەم بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر كۈن ئىچىدىلا 20-30 دۆلەتتە، بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىپ، مەن شۇنچە قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىش ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىنغۇ.

 

داۋامى بار...

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2022 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق