خىتاي ياردەم بۇيۇملىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپان قاتارلىق رايونلاردا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىش ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. گەرچە خىتاي قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي جىنايى قىلمىشىلىرىنى يەنە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئائىلىدە قامىلىپ ئاچ قالغان خەلقىمىزگە باشقا رايوندىكى خەلقىمىز ياردەم قىلغان بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغانلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.   

26  - سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان تۆت مىنۇت 28 سېكۇنتلۇق سىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قامال قىلىشتىكى رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى.

سىننىڭ مۇقەددىمىسىدە خالتىلارغا قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئارقىدىن بىر خىتاي يەنە بىر خىتايغا بىر خالتا گۈرۈچنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئەخلەت چېلىكىگە تۆكۈشكە بۇيرۇيدۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارى ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ: «ھەممىنى كۆيدۈرۈۋەت! سىرتتىن كەلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىنى تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار!» دەيدۇ. ياردەم بۇيۇملىرىنى تۆكۈۋاتقان خىزمەتچى بىر خالتا تۇخۇمنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاشقا تەمشەلگەندە، خىتاي ئەمەلدارى ئۇنىڭغا: «تۇخۇمنىڭ ھەممىنى چېقىپ ئاندىن تاشلا!» دەپ بۇيرۇيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، غۇلجا خەلقىنىڭ بىر – بىرىگە ياردەم قىلىشىنى چەكلىگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان جاي – جايلىرىدىن غۇلجىغا ياردەم نامىدا ئەۋەتىلگەن ساناقسىز ئاشلىق، يېمەكلىك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھېچبىرىنى غۇلجا خەلقىگە تارقاتمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنى ئۆز خىتايلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىۋەتكەنلىكى ياكى تۆكۈپ يوق قىلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ئەگەردە خەلقنىڭ ياردەملىرى خەلققە تارقىتىلغان بولسا، خىتاي بۇنى توختىماي تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى ۋە غۇلجا خەلقىنىڭ بىۋاستە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىمۇ ياردەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكى ھەققىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل خىلدىكى نومۇسسىزلارچە ئاشلىق ۋە يېمەكلىكلەرنى تۆكۈۋېتىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر – بىرىگە ياردەم قىلىش ئارزۇسىغىمۇ چىدىماسلىق قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلار مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدىمۇ، خىتاينىڭ يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ۋەھشىي جىنايى قىلمىشىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2022 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق