قاتتىق قامالغا چىدىمىغان خەلق قارشىلىق كۆرسەتتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپان قاتارلىق رايونلاردا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىش ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، 40 نەچچە كۈنلۈك قامالدا غەزىپى تاشقان خەلق ئائىلە قورۇسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

26-سېنتەبىر تارقالغان بىر قانچە سىندا كۆرسىتىلىشىچە، 40 نەچچە كۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامالدا قاتتىق قىينالغان خەلقنىڭ غەزىپى تاشقان بولۇپ، 26 سېكۇنتلۇق سىندا ئۈرۈمچى ياكى غۇلجا ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان بىر ئائىلە قورۇسىدىكى خەلق خىتاينىڭ كونتروللۇقىنى بۇزۇپ، ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئائىلە قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان. يىغىلغان خەلق قامالنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. غەزىپى تاشقان خەلق ئاتالمىش «بىخەتەرلىك خادىملىرى» نى ئىتتىرىپ دەرۋازىنى ئېچىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، ئەمەلدارلار بىلەن خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان.

 51 سىكونتلۇق يەنە بىر سىندا مەلۇم ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا قامالدا قالغان خەلق ئاتالمىش «بىخەتەرلىكىنى ساقلىغۇچى خادىملار» غا قارشىلىق بىلدۈرگەن. خەلق بىرلىكتە دەرۋازىدىكى توسۇقنى ئىتتىرىپ ئۆرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغاندا خەلق بىلەن خىتاي خادىملىرى ئارىسىدا جېدەل چىققان. دائىرىلەر خەلقنى ئالداپ، بىر  مەزگىل سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ بىراق ئالدامچى خىتايلارنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى كۆپ كۆرگەن خەلق نارازىلىق بىلدۈرۈشنى توختاتمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1396 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2022 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق