غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر قارار لايىھەسى سۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى توغرىسىدا مۇنازىرە يىغىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قەتئىي رەت قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ۋەكىلىنى جەنۋەگە ئەۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەكىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان. خىتاي بۇ خىل ئالدامچىلىق ۋە تېنىۋېلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللانسا، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47 ئەزاسى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆپ ئىختىلاپ بار ئىكەن. خىتاي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىملىق ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن چوڭقۇر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. شۇ سەۋەبلىك بۇ دۆلەتلەر غەرب ئەللىرى تەلەپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مۇزىرىگە ئانچە  قىزىقمايدىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ۋاشىنگىتون دۈشەنبە كۈنى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر «قارار لايىھەسى» نى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تۇنجى قېتىم سۇنغان. مەزكۇر قاراردا  كېڭەشنى كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقا چاقىرغان. بۇ قارارنى سۇنۇشتا ئەنگىلىيە، كانادا، شىۋىتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئېرلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىغا ھەمكارلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان «قارار لايىھەسى» ھەققىدە كېلەر ھەپتە 47 ئەزا دۆلەت بىلەت تاشلاپ قارار چىقىرىدىكەن. ئۇندىن باشقا دۇنيا رەھبەرلىرى نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىگە يىغىلغان بىر پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دىپلوماتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خورلاش قىلمىشىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەدبىردە ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا رەسمىي تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1134 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2022 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق