بۈيۈك ئالىم يۇسۇف ئەلقەرزاۋى ۋاپات بولدى

 

ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق رەئىسى يۇسۇف ئەل قەرزاۋى 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلكى  بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلىكنىڭ سابىق رەئىسى مىسىرلىق ئالىم قەرزاۋىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىزاھلاشقا ئاتىغان دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى يۇسۇف ئەلقەرزاۋى جانابىي ھەقنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى» دېيىلدى.

يۇسۇف ئەلقەرزاۋى 1926-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان بولۇپ، قۇرئاننى تولۇق يادقا ئالغاندىن باشقا ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەڭ تونۇلغان ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە دىنىي ئىلىملەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يەتكەن يىتۈك ئالىملارنىڭ بىرىدۇر.  

ئۇ 2004-يىلدىن 2018-يىلغىچە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان قاتاردا ياشىماقتا ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

 

 

شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇ تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

 

تەزىيەنامىدە: 

 

 

 

دېيىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

 

 

 

بۇ خەۋەر 3212 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2022 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق