خىتاي نورمال كېسەللەرنىمۇ يۇقۇملانغۇچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانغاندىن باشقا، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ نورمال كېسەللەرنىمۇ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

27-سېنتەبىر تارقالغان بىر سىندا غۇلجىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي رېجىمىنىڭ قامال باھانىسى بىلەن سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋۇخەندىن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ غۇلجىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى، بەلكى ئادەتتىكى زۇكام ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويغانلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى، ئۈچ كۈندىن بېرى كېسەلنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرنى «قانۇنغا خىلاپ ئۆسەك سۆزلەر» دەپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ياش يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى ئىشارەتلەپ، 24-سېنتەبىردىن باشلاپ قامالنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سىن تارتقانلىقىنى، بىراق 24-سېنتەبىر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قامالنىڭ ئازراقمۇ بوشىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، نورمال كېسەللەرگىمۇ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش نامىدا خەلققە نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈش، دېزىنفېكسىيە نامىدا زەھەرلىك دورىلارنى چېچىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭمۇ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1206 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2022 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق