خىتاي ئۆز مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن پۈتۈنلەي چەكلەۋاتقان، يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدە يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش» ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قانداق قوبۇل قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. 

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 26-سېنتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاكىمە يىغىندا قورچاق ئەمەلدارلار تەكلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇش كېرەك» دېگەن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن مەزگىلىدە يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىقاتىنى دائىمىيلاشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش» قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى مەخسۇس تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىنغان. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىقتىن تارتىپ، ھەتتا ئۆي سەرەمجانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە تەدرىجىي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1332 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2022 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق