ھىندونېزىيەنىڭ بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر مەزگىلدە، بىر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى غۇلغۇلا قوزغىدى.

بېنار خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە بۇ يىل 7-ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھىندونېزىيە ساقچىلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى قايسى شەھەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 35 ياشلىق ئەھمەت بوزئوغلان ئىسىملىك ئۇيغۇر باشقا ئۇچ ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە 2015-يىلى يالغان پاسپورت ئىشلىتىش، ئاتالمىش «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» دېگەن باھانە بىلەن ئالتە يىلدىن سەككىز يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۈچ ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەھمەت بوز ئوغلان مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە تۈرك پاسپورتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ 88-نومۇرلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىسسارى ئاسۋىن سىرېگار (Aswin Siregar) نىڭ ئېيتىشىچە، ئەھمەت بوز ئوغلان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، جاۋانىڭ سىرتىدىكى نۇسا كامبانگان جازا ئارىلىغا قامالغان. ئەھمەد بوزئوغلان بۇ يىل 7-ئاينىڭ1-كۈنى جازا مۇددىتى توشقان ھامان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ھىندونېزىيە كۆچمەنلەر باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد نۇرسالې بېنار خەۋەرلىرى مۇخبىرىنىڭ ئەھمەد بوزئوغلان توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان. بوزئوغلاننىڭ ئادۋوكاتى فارىس ئەھمەد بوزئوغلاننىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينىڭ قايسى ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1477 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2022 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق