پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى خىتاي شىپاخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى خىتاي شىپاخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا بىر خىتاي ئۆلۈپ، ئىككى خىتاي يارىلاندى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر كاراچىدا 28-سېنتەبىر بىر ئەر كىشى خىتايلار ئاچقان چىش كېسەللىكى شىپاخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر خىتاي ئۆلۈپ، ئىككى خىتاي يارىلانغان. ھۇجۇم قىلغۇچى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىزدەش ھەرىكىتى باشلىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىمار قىياپىتىدە ياسىنىۋالغان بىر كىشى شىپاخانىغا كىرىپ ئوق چىقارغان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۈچ خىتاينىڭ ھەممىسىدە خىتاي ۋە پاكىستان كىملىكى بار بولۇپ، مەزكۇر خىتايلارنىڭ كاراچىدا چىش شىپاخانىسى ئاچقىنىغا 40 يىل بولغان. ھۇجۇم قىلغۇچى 30 ياشتىن ئاشقان ئادەم بولۇپ، ھۇجۇم داۋامىدا پاكىستان پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزمىگەن.

ھۇجۇم قىلغۇچى ۋەقەدىن كېيىن موتوسىكلىت بىلەن سىرتتا ساقلاپ تۇرغان ھەمراھىنىڭ ياردىمىدە قېچىپ كەتكەن. يەرلىك ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ 74 ياشلىق چىش دوختۇرى رىچارد خۇنىڭ ياردەمچىسى رونالد چاۋ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. يارىلانغانلار بولسا رىچارد خۇ ۋە ئۇنىڭ 72 ياشلىق ئايالى ئىكەن. بۇ ئىككىسى ھۇجۇمدا يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن. ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1121 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2022 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق