خەلقئارالىق مۇسابىقىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر گۇرۇپپا خانىم-قىزلار خەلقئارا ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى داۋامىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 12 نەپەر خانىم-قىزدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا 28-سېنتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئارنەم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئوينالغان خەلقئارالىق ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى داۋامىدا، خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىشنى گوللاندىيە تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئورۇنلاشتۇرغان.

گۇرۇپپىدىكى خانىم-قىزلار مۇسابىقە مەيدانىدا: «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن شوئار يېزىلغان مايكا كىيىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىش داۋامىدا خانىم-قىزلارنىڭ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار يەنە ياپونىيە كوماندىسى تەرىپىدە تۇرۇپ، ياپونىيە ماھىرلىرى نومۇر ئالغاندا ئالقىشلاپ چاۋاك چالغان.

مۇسابىقە باشلىنىپ يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇيغۇر خانىملار كىيگەن مايكىنى سالدۇرۇۋالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2022 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق