سىناق

سىناق

 مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن

مەن بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن ئويلىنىپ، ئۈچ دانە بېنزىن بومبىسى بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىنى تولۇق كۆيدۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانى ئۈستىدە ئىزدەندىم.

9-ئاينىڭ 28-كۈنى (دۈشەنبە) مەن تولا ئويلىنىپ كېچىچە ئۇخلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلىدىم. چۈشتىن كېيىن بەش كىلولۇق بىر سۇ قۇتىسىنى ئېلىپ، زەيتىنبۇرنۇ ساھىل يولىدىكى بېنزىنچىغا بېرىپ بېنزىن ئالدىم. بېنزىننى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئەمىنە ئىنانچ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى بىر دورا شىركىتىدىن 500 گىراملىق ئۈچ بوتۇلكا ئىسپىرت ئالدىم. ئۆيگە كىرىپ، بوتۇلكىلاردىكى ئىسپىرتنى تۆكۈپ، قۇرۇقداپ تەييارلىدىم. يەنە بىر كىچىك 250 گىراملىق گازلىق سۇ بوتۇلكىسىنىمۇ تەييارلىدىم. مەقسىتىم بۇ كىچىك بوتۇلكىنى سىناق قىلىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئىدى. بوتۇلكىلارنى مۇنچىغا ئېلىپ كىرىپ بېنزىن بىلەن تولدۇردۇم. كېيىن بىر كونا لۆڭگىدىن ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىردىن تۆت دانە ئۆلچەپ كەستىم. ئاندىن بوتۇلكىلارنىڭ ئېغىزىغا چىڭمۇ كەلمەيدىغان، بوشمۇ كەلمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ، كېسىپ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىغا تىقىپ پىلىك ياسىدىم. پىلىكنىڭ 15 سانتىمېتىرلىق قىسمى بوتۇلكىنىڭ ئىچىدە، بەش سانتىمېتىرلىق قىسمى بولسا بوتۇلكىنىڭ سىرتىدا ئىدى. شۇنداق قىلىپ مەن ھەممە نەرسىنى بىر بۇلۇڭغا يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ئۇخلىدىم.

مەن بىر ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسام، كېچە سائەت 1:30 بوپتۇ. قوپۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ، كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىردەم ئويلىنىپ ئولتۇردۇم. كېچە سائەت ئىككى بىلەن كىچىك ئوغلۇم مەرداننى ئاستا ئويغاتتىم. بۇ ۋاقىتتا چوڭ ئوغلۇم مۇتەللىپ يېتىپ ئوقۇيدىغان قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەردان 13 ياشقا كىرگەنىدى. مەن ئوغلۇمنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ كۆزىنى پىشۇرۇپ، يۈرىكىنى توختىتىپ، قورقۇمسىز بىر يىگىت بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن كىچىك بوتۇلكىدا ياسالغان بېنزىن بومبىسىنى ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، مەرداننى ئېلىپ سىرتقا چىقتىم. مەقسىتىم كېچە قاراڭغۇلىقىدا مۇۋاپىق بىر جاي تېپىپ ئۇ بېنزىن بومبىسىنى سىناپ بېقىش ئىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئايلىنىپ ئاخىرى ساھىل پويىز يولى ئەتراپىدىكى ئائىلىلىكلەر رايونىدىن مۇۋاپىق بىر جاي تاپتىم. بۇ جاينىڭ ئۈچ ئەتراپىدا بىنا بولۇپ، بىر تەرىپى بىز كەلگەن يولغا قارايتتى. بىنالارنىڭ ئارىلىقى كەڭرى بولۇپ، ئەگەر بوتۇلكىنى ئوتتۇرىغا ئاتسام، بىنا ياكى باشقا ئەسلىھەلەرگە زىيان يېتىپ قېلىش ئېھتىمالى يوق ئىدى. مەن ئۆزۈمنى توختىتىپ، تېزلىك بىلەن يانچۇقۇمدىكى بېنزىن بومبىسىنى ئېلىپ، ئوت ياققاندىن كېيىن دەرھال ئاتتىم. بومبا دەل مەن ئويلىغان يەرگە چۈشۈپ، چېقىلىش بىلەن تەڭ گۇپ قىلىپ يانغان ئوت يالقۇنى تىمتاس كېچە قاراڭغۇلۇقىنى يورۇتۇۋەتتى. مەن ئۇ نەرسىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك يانىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەمما ئۇ جاي بىر بوشلۇق بولغاچقىمىكىن، بىرەر ھەرىكەت بولغان ھامان ئۆزلۈكىدىن يانىدىغان چىراغ بېكىتىپ قويغان ئىكەن. مەن بېنزىن بومبىسىنى ئېتىشىمغا، ۋال قىلىپ چىراغمۇ تەڭ يېنىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالمۇ مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق قىلغان ئىشىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر تامامەن ئائىلىلىكلەر رايونى بولغانلىقى ئۈچۈن دەماللىققا جىددىيلىشىپ كەتتىم. بۇ ۋاقىتتا ئوغلۇم مەردانمۇ جىددىيلىشىپ:

- ۋاي دادا! دەرھال كېتەيلى،- دېدى. بىز تېزلىك بىلەن ئۇ جايدىن ئايرىلدۇق. ۋاقىت گەرچە يېرىم كېچە بولسىمۇ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى كۈتمىگەندە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن يۈگۈرمەي تېز-تېز ماڭدۇق. بىز ئۆيگە كەلگۈچە ئوغلۇمغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشتىم ۋە بۇ ئەھۋاللارنى ھېچكىمگە تىنىپ سالماسلىقنى تاپىلىدىم. بىز مەھەللىنىڭ كىچىك يوللىرى بىلەن مېڭىپ سالامەت ئۆيگە يېتىپ كەلدۇق.

دېمەك، بۇ نەرسىنىڭ كىچىكى بۇنچە كۈچلۈك يانسا، چوڭلىرى كۈتكىنىمدەك نەتىجە بېرەتتى.

بىز ئۆيگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ئوغلۇمغا: «سەن ئەمدى ئۇخلىغىن» دەپ بولغاندىن كېيىن، مۇنچىغا كىرىپ چوڭ ئۈچ بوتۇلكىنىڭ پىلىكلىرىنى چىقىرىپ، سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ئېغىزىنى چەگدىم. كېيىن بوتۇلكىلارنىڭ ئېغىزىنى ئۆزىنىڭ رېزىنكە ئېغىزى بىلەن ئېتىپ قويدۇم. چۈنكى بۇنداق قىلمىسام، بېنزىننىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈك ئىدى. مەن ئەنقەرەگە مۇشۇنداق بېرىپ، پەقەت خىتاي ئەلچىخانىسىغا ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئاندىن پىلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن بوتۇلكىلارنى بىر ئوقۇغۇچىلار سومكىسىغا قاتار تىزىپ، تاسادىپىي بىر-بىرىگە تېگىپ، چېقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئارىسىغا 5-6 قاتتىن گېزىت ئورۇنلاشتۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن سومكىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، ئېلىپ چىقىپ بىر بۇلۇڭغا قويۇپ قويدۇم.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى (سەيشەنبە) ئەتىگەندە تاماقتىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئەنقەرەگە بېرىپ كېلىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى، دەپ خوشلىشىپ، ئىستانبۇل شەھەرلىك ئەسەنلەر ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېرىپ، بېلەت ئېلىپ سائەت 10:00 نىڭ ئاپتوبۇسى بىلەن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتىم.

ئاپتوبۇستا كېتىۋاتىمەن. قولۇمدىكى قارا سومكامنى تىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، خۇددى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ ئولتۇرىمەن. ئاپتوبۇس ئەنقەرەگە يېقىنلاشقانسېرى كىشىلەر ھاياجانلانماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئائىلىسىگە يېقىنلىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا مەنمۇ ئازراق ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم. ئەمما بۇ ھاياجان باشقىلارنىڭ ھاياجىنىغا ئوخشىمايتتى. چۈنكى مەن ئاپتوبۇس ئەنقەرەگە يېقىنلاشقانسېرى، ئۆز ئائىلەمدىن شۇنچە ئۇزاقلىشىپ كېتىپ باراتتىم.

 

داۋامى بار...

بۇ خەۋەر 756 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق