شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىلىنىڭ قاتار زىيارىتى داۋاملاشماقتا

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئەللامە، ئىمام يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

مەھمۇدجان داموللام شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مەرھۇم ئىمام يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقاندىن كېيىن، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ مەركىزىگە تەزىيە ئۈچۈن يىغىلغان بىرلىك باش كاتىپى شەيخ ئەلى قەرەداغي، شەيخ مۇھەممەد ھەسەن ئەددەدۇ، شەيخ مۇھەممەد ئەسسەغىر ۋە مەرھۇم شەيخ يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىق ئالىم-ئۆلىمالار بىلەن كۆرۈشۈپ تەزىيە بىلدۈردى.

مەھمۇدجان داموللام بۇ جەرياندا تەزىيە ئۈچۈن يىغىلغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

مەھمۇدجان داموللام 29-سېنتەبىر كەچتە يەنە ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ كەچلىك پىروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ پىروگراممىدا ئالدى بىلەن مەرھۇم ئىمام يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر نەچچە كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورغا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىسلامغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى، جازا لاگېرلىرىدا ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئىمانىدىن يېنىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئون مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 3291 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2022 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق