خىتاي خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قامال قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش قىلمىشىلىرى خەلقئاردا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن ۋە بۇ ئاشكارا جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي بەزى رايونلارنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-سېنتەبىر كەچتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇ جىچۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، لېكىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونلاردا سورۇنلارنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

خۇ جىچۈننىڭ ئېيتىشىچە، تۆۋەن خەۋپ-خەتەر رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات دۇكىنى، دورا دۇكىنى، گۆش دۇكىنى، قولايلىق دۇكان، ساتىراشخانا، بەش خىل مېتال دۇكىنى، مېۋە-چېۋە دۇكىنى قاتارلىق تۇرمۇش تۈرىدىكى تىجارەت سورۇنلىرى ئالدى بىلەن ئېچىۋېتىلىدىكەن. سورۇنغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، نورمال خېرىدار مىقدارىنىڭ %50 ى بويىچە ئادەم زىچلىقى تىزگىنلىنىدىكەن. كىنو-تىياتىرخانا، تورخانا، چېنىقىش زالى، قارت-شاھماتخانا، سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى قاتارلىق يېپىق تىجارەت سورۇنلىرى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلمەيدىكەن. ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى %50 لىك يولۇچى توشۇش مىقدارىغا ئاساسەن، يولۇچىلار كودنى سىكانېرلاپ ماشىنىغا چىقىش، تېببىي تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ياكى N95 ماسكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تاقاش شەرتى ئاستىدا يولغا قۇيۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نۇقتىدىن نۇقتىغا بېرىپ-كېلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بېرىپ-كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر داۋام قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1312 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2022 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق