خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تېپىرلىماقتا

يېقىنقى كۈنلەردە ب ت د كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن دوكلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن خەلقنى ئۆيگە قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىن قىلىش جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە ب د ت دا خىتاينى قىرغىن قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايى قىلمىشى سەۋەبلىك جازالاش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئويغانغانلىقىدىن بىئارام بولغان خىتاي تىپىرلاپ يالغان تەشۋىقاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىدى. 26-سېنتەبىر خىتاي يەنە ب د ت دىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە جەنۋەدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار شەۋكەت ئىمىن ۋە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى چېن شۈ قاتارلىق 30 نەچچە ۋەكىل ھەمدە ئاخبارات خادىملىرى قاتارلىق 70 نەچچە كىشى بار ئىكەن.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان قورچاق ۋەكىللەر خىتاينىڭ تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەمدە ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭ خەلقى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا. سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلماقتا» دەپ بىلجىرلىغان.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشكە يول قويۇش ھەققىدىكى تەلىپىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قورچاق ئەمەلدار شەۋكەت ئىمىن ھىيلىگەرلىك بىلەن كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان باشقا دۆلەت ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي-مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن  قىلىپ يوقۇتۇپ ھايات قالغانلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ياسالما سىن، ياسالما گۇۋاھچىلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى يوقاپ كەتمىگەن كىشىلەرنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1400 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2022 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق